五用汉字表示(يېمەكلىك)(1)

بۇ بەش خىل يېمەكلىك يۈرەكنى قوغدايدىغان ياخشى ھەمراھ ئىكەن

五用汉字表示(يېمەكلىك)(2)

يۈرەك كېسىلى كىشىلەر ساغلاملىقىغا خەۋىپ يەتكۈزىدىغان دۈشمەنگە ئايلاندى. كۆپلىگەن كىشىلەر يۈرەك كېسىلى ئاسان قوزغىلىدۇ، ۋاقتىدا كونتىرول قىلىش تەس دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل قاراش توغرا ئەمەس، يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەش ئارقىلىق يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. قېنى تۆۋەندە يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ نېمىلەرنى يېسە مەنپەئەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.

يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىك 1: قارا كۈنجۈت

五用汉字表示(يېمەكلىك)(3)

قارا كۈنجۈت بولسا تۇرمۇشتا دائىم ئۇچرايدىغان يېمەكلىك بولۇپ، تەركىبىدە ۋىتامىن E مول بولۇپ، قان تومۇر دىۋارىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ساقلاشتا رولى ئىنتايىن چوڭ. قارا كۈنجۈتتە يەنە لىنولىك كىسلاتا قاتارلىقلار مول بولۇپ، قان نوكچىسى شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىپ، يۈرەك كېىسلى قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ.

بۇنىڭدىن سىرت، قارا كۈنجۈتنى ئىستېمال قىلغاندا ئەڭ ياخشىسى سىرتقى قېپىنى ئېلىۋېتىش كېرەك. چۈنكى قارا كۈنجۈتنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى مېغىزدا بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى ئاۋال قورۇۋېلىش ياكى بىۋاستە ئېزىپ تالقان قىلىپ يېگەندە ئۈنۈمىنى كۆرىدۇ.

يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىك 2: يەر ياڭىقى

五用汉字表示(يېمەكلىك)(4)

نۆۋەتتىكى تەتقىقاتلاردا يەر ياڭىقىنى يەپ بېرىش يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىقىغا پايدىلىق دەپ قارىلىدۇ. دائىم يەر ياڭىقى يېيىش يۈرەك، قان تومۇر سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنىڭ خەۋىپىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق ئىكەن. پۇدۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تاللاپ سېلىشتۇرۇلغان كىشىلەر توپىدىكى تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، ھەر كۈنى 42 گرام يەر ياڭىقى يېگۈچىلەرنىڭ قاندىكى ماي ۋە قان بېسىمى يېمەيدىغانلارنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولىدىكەن.

يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىك 3: قىزىل ھاراق

五用汉字表示(يېمەكلىك)(5)

قىزىل ھاراقمۇ يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالامدۇ؟ ئەلۋەتتە شۇنداق. بۇنىڭ ھەممىسى «ئاق خەربەك ھارىقى»غا تەۋە. ئاق خەربەك بولسا بىر خىل كۆپ فېنول تۈرىدىكى بىرىكمە ماددا بولۇپ، كۆپلىگەن ئالىملار ئاق خەربەكنى چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئاق خەربەكنىڭ ياللۇغقا، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇپ، يۈرەك، قان تومۇرلارنى قوغدايدىغان رولغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

بىراق كۆپچىلىككە شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، ئىسپىرتنى زىيادە ئىچىش بەدەنگە زىيانلىق بولۇپ، ئاياللارنىڭ قىزىل ھاراقنى ئىچىش قېتىم سانى كۈنىگە بىر قېتىم، ئەرلەرنىڭ ئىككى قېتىمدىن ، مىقدارىنىڭ 150 مىللىلىتىردىن ئاشماسلىقى تەشەببۇس قىلىنىدۇ. ھاراق ئىچىشتىن بۇرۇن دوختۇر بىلەن پاراڭلىشىپ بېقىش كېرەك. ئىسپىرت بەلكىم ئاسپىرىن ۋە باشقا دورىنى ئىچكۈچىلەرگە تەسىر قىلىشى مۇمكىن.

يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىك 4: سالمۇن بېلىقى

五用汉字表示(يېمەكلىك)(6)

سالمۇن بېلىقى يۈرەك كېسىلىگە پايدىلىق يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا ω-3 ياغ كىسلاتاسى ۋە DHA مول بولىدۇ. ω-3 ياغ كىسلاتاسى بولسا يۈرەك رېتىمى تەكشىسىزلىك خەۋىپىنى تۆۋەنلىتىدۇ. سالمۇن بېلىقى يەنە قاندىكى گلىتسېرىن ئۈچ ئېستېر ھەمدە ياللۇغنى تۆۋەنلىتىدۇ.

ئامېرىكا يۈرەك بىرلەشمىسى ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم سالمۇن بېلىقى يېيىشنى، يۈرەككە پايدىلىق يەنە باشقا تۈردىكى بېلىقلارنىمۇ مەسىلەن، كۆك چىپار بېلىق ، تۇنا بېلىقى، ساردىنا بېلىقى قاتارلىقلارنىمۇ تاللىسا بولىدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىك 5: تۈكلۈك پۇرچاق

五用汉字表示(يېمەكلىك)(7)

تۈكلۈك پۇرچاقنى سەل چاغلىماڭ، ئۇ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئادەم قۇتقۇزىدۇ. كىچىككىنە بىر پۇرچاقتا ئوزۇقلۇق تالاسى، ماگنىي، كالىي ۋە يوپۇرماق كىسلاتاسى مول بولۇپ، بۇ ئوزۇقلۇق ماددىلىرى قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىپ، يۈرەكنى قوغدايدۇ، يۈرەك كېسىلى خەۋىپىنى ئازايتىدۇ. لېدىس ئۇنىۋېرستېتىنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تالانىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى ھەر يەتتە گرام ئاشقاندا، يۈرەك، قان-تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ يۈز بېرىش خەۋىپىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

سالون ئىزدەش نامى:htrbwwwx

مەنبە: نۇر تورى خەۋىرى

تەھرىر: ئەكبەر ئۆمەر

五用汉字表示(يېمەكلىك)(8)

你会喜欢

编辑:蒲丽君

和田日报微信公众号

微信投稿邮箱:419045183@qq.com

报纸投稿邮箱:xjhtrb@sina.com

0903—2069369

五用汉字表示(يېمەكلىك)(9)

点击原文链接进入和田日报微博

--------我是有底线的--------

,